شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىرىپ ئاگاھلاندۇردى

شەرقى تۈركىستان ئۈچۈر مەركىزى بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى ئىجرائاتلىرىغا قىسقىچە بىر باھا بېرىپ ئۆتكەن. ئوبزوردا، خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئاچقان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىدە ماھىيەتلىك بىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش يولىنى تاللىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينى خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە، جەمئىيەتلەردە داۋاملىق ھالدا خىتاي تىلىنى ھوكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى، قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ تېخىمۇ جىددىي كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقىلىرىنى بۇلاش ۋە خەلقىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا تېز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئوبزوردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن توغرا دەرس ئېلىشقا چاقىرغان. ئوبزوردا نەقىل ئېلىنىشىچە، تەشكىلات رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقسىزلىققە ھېچقاچان سۈكۈت قىلمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى خاتالىقلىرىنى تەكرارلىسا، بۇ خاتالىقلارنىڭمۇ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.