جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە يەنە رايوندا مۇقىملىق ۋەزىيىتى قارىماققا ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولسىمۇ، مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن؛ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسيانلارنىڭ تەسىرى ھەققىدىمۇ توختالغان جاڭ چۈنشيەن ئەڭ ياخشى مۇداپىئە خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش دەپ كۆرسەتكەن.
جاڭ چۈنشيەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسى مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ئوچۇق ياكى يېپىق شەكىلدە ئېتىراپ قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كەمسىتىش ئەھۋاللىرىنى ئېتىراپ قىلىشى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئىشتۇر.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى جيا چىڭلىن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋەقەنى مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، رايوننىڭ مىللەتلەر ۋەزىيىتىدىكى كرىزىسنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى.
بۈگۈن بېيجىڭدىكى ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلغان نۇر بەكرى يەنىلا، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى رەت قىلغان.