ش ئا ئو ئە ت دىكى دۆلەتلەر ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىشكە ۋەدە بەردى

ش ئا ئو ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قوشۇن قاتناشتۇرغان ئەللەر ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىشكە ۋەدە بېرىپ، ئافغانىستانغا 7 مىڭ كىشىلىك يېڭى قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-12-04
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خانىم ش ئا ئو ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇن كۆپەيتىش ۋەدىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "بۇ، ش ئا ئو ئە ت ئۈچۈن جىددى بىر سىناق" دېگەن. بۇ قارار، ش ئا ئو ئە ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندا ھېلارى كلىنتون پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

يىغىندا كلىنتون خانىم پرېزدېنت ئوبامانىڭ 2011 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش نىيىتى بارلىقىنى، لېكىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ سۈرئىتى، سانى ۋە كۆلىمىنى شۇ چاغدىكى شەرت‏ - شارائىت بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلىپ، ئافغانىستانغا 30 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئافغانىستانغا 7 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىش قارارى ش ئا ئو ئە ت باش كاتىپى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

لېكىن بۇ سان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ئۈمىد قىلغان ساندىن يەنىلا ئاز بولۇپ، ئامېرىكا ئىتتىشپاقداشلىرىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما راسمۇسسېن بۇ قارار ئافغانىستان خەلقئارا بىخەتەرلىك قىسىمىغا قوشۇن قاتناشتۇرغان 44 دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق روھىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار بولسا 7 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ش ئا ئو ئە ت نىڭ كېلەر ھەپتىدىكى يىغىنىدا ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوشۇن ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت