شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىگە قىشلىق گاز يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ خەۋپسىزلىكى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى چيۇدۇڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا بىر قەدەر كۈچەيتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ قوغدىلىش قاتارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر نېفىت قۇدۇقلىرى، بۆلۈملەر ۋە خىزمەت رايونلىرىدا 3 - دەرىجىلىك قوغدىلىش قۇرۇلمىسى ئورناتقان ھەمدە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە چارلاش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى كېچىدە چارلاشنى يولغا قويغان.
تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ، چيۇدۇڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى مەزكۇر نېفىتلىكتىكى ئاساسىي زاۋۇتتۇر.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، نېفىتلىك دائىرىلىرى خىزمەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن لازېر نۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى، كۆزىتىش قۇرۇلمىلىرى ۋە 30 دانە يۇقىرى بېسىملىق چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان تەبىئىي گاز - نېفىتلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتمەكتە ئىدى. مەزكۇر يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى ئۇتىدىغان شەھەرلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، تۇرۇبىلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر ئىدى.