ئابا رايونىدا خىتاي قىسىملىرى بىلەن تىبەت راھىبلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى راھىب ئۆلتۈرۈلدى

خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەمما ھازىر سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئابا رايونىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغىلى ئىككى ھەپتە بولدى.

نورۋېگىيىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن ۋە كىرتى ئىبادەتخانىسىدىن ئېنىقلىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9 دا، كىرتى ئىبادەتخانىسىغا بېسىپ كېرىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، راھىبلاردىن 300 نى تۇتۇپ كەتكەن.

جۈمە كۈنى، خىتاي ساقچىلىرى يەنە كېلىپ، پۈتۈنلەي كاناپ بىلەن ئورالغان ئاپتوموبىللىرىنى سىرتتا توختىتىپ قويۇپ، ئىبادەتخانىغا كىرىپ كەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن تىبەتلەرنىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى رادىپلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى راھىب ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى ئاشكارىلىغان ۋىدېئو ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، 3‏-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇشۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا 20 ياشلىق راھىب پۇنسو ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلگەندە، بۇ ئىبادەتخانىدىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق راھىب ئاللىقاچان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالغان.

ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ ئىبادەتخانىنى قوراللىق قىسىملىرى بىلەن قورشىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلمايدۇ.