شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئابدۇلھەق ئۆلتۈرۈلگەن

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك جۈمە كۈنى بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇلھەقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-07
Share

راخمان مالىك جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان پاكىستان - خىتاي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا دائىر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن ئابدۇلھەقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ "بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى يالغۇز خىتاينىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپلا قالماي، بىز يەنە ئۇلارنى پاكىستاننىڭ دۈشمىنى ھېسابلايمىز .... ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ھەق يېقىندا ئۆلتۈرۈلدى، مەن بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئابدۇلھەقنىڭ ئەسلى ئىسمى مەمتىمىن مەمەت بولۇپ، ئۇ 2003‏ - يىلى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان.

راخمان مالىك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەشكىلى كۈچى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، راخمان مالىك ئابدۇلھەقنى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى خىتاي - پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ياكى پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن تەنھا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولسا بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا ھازىرغا قەدەر ئىپادە بىلدۈرمىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت