راخمان مالىك جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان پاكىستان - خىتاي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا دائىر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن ئابدۇلھەقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ "بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى يالغۇز خىتاينىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپلا قالماي، بىز يەنە ئۇلارنى پاكىستاننىڭ دۈشمىنى ھېسابلايمىز .... ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ھەق يېقىندا ئۆلتۈرۈلدى، مەن بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئابدۇلھەقنىڭ ئەسلى ئىسمى مەمتىمىن مەمەت بولۇپ، ئۇ 2003 - يىلى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان.
راخمان مالىك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەشكىلى كۈچى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن، راخمان مالىك ئابدۇلھەقنى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى خىتاي - پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ياكى پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن تەنھا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولسا بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا ھازىرغا قەدەر ئىپادە بىلدۈرمىدى.