ئابدۇخېلىل ئابلىمىتنىڭ بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىسى، ئابدۇخېلىلنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، بۇ ماقالىنى 15-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر بىز توربېتىدە ئېلان قىلغان. ۋەقە ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ 3 كۈن ئۆتكەندە، ئابدۇخېلىل ئابلىمىت سولاقخانىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئۇ 18-نويابىر كۈنى چۈشتە بېيجىڭدىكى ئىنىسىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى يەتكۈزگەن.
ئابدۇخېلىلنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۇيغۇربىز تورىغا بۈگۈن بۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخېلىل سولاقخانىدىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن؛ يەنى ئۇنىڭ ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدىن سىرتقا چىقماسلىقى، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇمات بېرىشى شەرت قىلىنغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئابدۇخېلىل ئابلىمىتنىڭ قورۇسىنى كەنت كادىرلىرى يىراقتىن نازارەت قىلماقتا.
