خىتايدا تۈزۈمدىن نارازى بولغان خەلقنىڭ ئادالەتنى ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بەزى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق بومبا ھادىسىسىدىن، تۈزۈمدىن نارازى بولغان خەلقنىڭ ئادالەتنى ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە 52-ياشلىق چيەن مىڭچى مەجبۇرىي ئۆي چېقىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئۈچ ئورۇندا بىنا پارتلاتقان ئىدى. بۇ پارتلاشلاردا چيەن مىڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ئادەم ئۆلگەن.

ئۇ بىر تور بېتىگە «ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا مەن چەكسىز ئادالەتسىزلىككە يولۇقتۇم. ئادالەتنى ھېچيەردىن تاپالمىدىم ۋە ئۆزۈممۇ خالىمايدىغان بۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلاندىم» دەپ يازغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن«مەن كونكرېتنى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئادالەتنى ئۆزۈم تاپماقچى بولدۇم.»

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي قانۇنىنى تەتقىق قىلىدىغان فرانسىيىلىك مۇتەخەسسىس ستېفېنى بالمې، خىتاي قانۇن سىستېمىسىنىڭ خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قەيەردە ئەدلىيە سىستېمىسى خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى ئۇلغايتىدىكەن، شۇ يەردە زوراۋانلىق يوسۇندىكى قارشىلىقلار كۆپىيىدىكەن.

بالمې بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن شۇنى جەزم قىلالايمەنكى، كەلگۈسىدە بۇنداق ۋەقەلەر خىتايدا يەنە يۈز بېرىدۇ.

ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغۇچىلار يەسلى بالىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 17 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.