خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىچىك بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇغان

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدا كىچىك بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇغان بولۇپ، خىتايدا پەقەت ئۆتكەن يىلىلا 8 مىڭ بالا باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن، ياكى ئوغرىلانغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر بالىلىق بولۇش تۈزۈمى كۆپىنچە ئاتا - ئانىلاردىكى پەقەت ئوغۇل پەرزەنتنىلا خالاش خاھىشنى ئېغىرلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئوغۇل بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتى كۆپەيگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايدىكى پەقەت ئوغۇل پەرزەنتنىلا خالاش خاھىشى، تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى سېتىۋېتىش، ياكى تاشلىۋېتىش قىلمىشلىرىنىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى قىلمىشلار خىتايىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى جۈمە كۈنى بىر بالا ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، 76 گۇماندارنى قولغا ئالغان ۋە 30 بالىنى قۇتۇلدۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت