بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر بالىلىق بولۇش تۈزۈمى كۆپىنچە ئاتا - ئانىلاردىكى پەقەت ئوغۇل پەرزەنتنىلا خالاش خاھىشنى ئېغىرلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئوغۇل بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتى كۆپەيگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايدىكى پەقەت ئوغۇل پەرزەنتنىلا خالاش خاھىشى، تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى سېتىۋېتىش، ياكى تاشلىۋېتىش قىلمىشلىرىنىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى قىلمىشلار خىتايىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى جۈمە كۈنى بىر بالا ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، 76 گۇماندارنى قولغا ئالغان ۋە 30 بالىنى قۇتۇلدۇرغان.
