ئافغانىستان چەتئەل كانچىلىق شىركەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ تۆمۈركان ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

ئافغانىستان دائىرىلىرى شەنبە كۈنى چەتئەل كانچىلىق شىركەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ تۆمۈركان ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە مەركىزىي ئافغانىستاندىكى ھاجىگاك تۆمۈركانىدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2 مىليون توننىغا يېقىن تۆمۈر رۇدىسى بار ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئافغانىستان كانچىلىق مىنىستىرى ۋەھىدۇللا شاھرانى، مەزكۇر تۆمۈر رۇدىلىرىنىڭ يىلىغا 1 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممەت يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ تۆمۈركان بەلۋېغى ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىلىنىدىغان پامىر تاغ تىزمىسىنىڭ ئافغانىستان تەۋەلىكىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئىرانغا تۇتىشىدىكەن. مەزكۇر تۆمۈركېنى ئېچىلسا 7000 ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا گېئولوگلىرى ئافغانىستاندا كۆپ مىقداردا كەم ئۇچرايدىغان مەدەن ماددىلارنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.