قەندىھار ئۆلكىسىدە تالىبان ئاتقان راكېتادا ئىككى ئادەم ئۆلگەن. ئۆلكە رەئىسى ھۇجۇمدا ھايات قالغان. بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا 149 ئورۇن ئۈچۈن 2500 كاندىدات سايلامغا چۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باغلان ئۆلكىسىدە تالىبان ئاتقان راكېتا ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھۇجۇملارنىڭ تەسىرىنى زور ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئافغانىستان بويىچە 92 % بىلەت تاشلاش مەركىزىنىڭ تولۇق ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تالىبانلار بىر قەدەر كۆپ دەپ قارالغان قەندىھار ئۆلكىسىدىمۇ بىلەت تاشلىغۇچىلار كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە كېلىپ، بىلەت تاشلىغان.
بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى، كەڭ تالاش - تارتىش ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئوتكەن يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ سايلامدۇر.
نۆۋەتتە ئافغانىستان دائىرىلىرى يولۇقۇۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، بىلەت تاشلاش جەريانىدىكى ساختىلىق مەسىلىسى ئىكەن. بەزى رايونلاردا ساختا بىلەت تاشلاش كىنىشكىسى بايقالغان. بەزىلەرنىڭ بىر نەچچە قېتىم بىلەت تاشلاشقا قاتنىشىش خاھىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر قەدەر تەسكە توختىماقتا ئىكەن.