ئافغانىستان سايلامنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بېلەتلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى يېڭى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خامىد كارزاينىڭ ئىگىلىگەن بېلەت سانى 48% تىن ئاشقان. ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئابدۇللا ئابدۇللا بولسا 31% ئاۋازغا ئېرىشكەن. سايلام كومىتېتى يەنە 447 بېلەتنى بىكار قىلىۋەتكەن.

8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ سايلام كۆپ ئەرز ۋە شىكايەتكە دۇچ كەلگەن. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر ھامىد كارزاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقۇنى پەرەز قىلماقتا.

ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئابدۇللا ئابدۇللا تاجىك مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئىدى.