ئافغانىستان تالىبانلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 17‏ - ئۆكتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان تالىبانلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن، تالىبانلارغا ياردەملىشىپ ئافغانىستاننى ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تالىبانلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلەپ ھازىر خەلقئارانى ھەيران قالدۇرماقتا.

خىتاينىڭ 'يەرشارى ۋاقىت گېزىتى'نىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار 14 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يازغان خېتىدە، 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قارا تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەڭلار، بىز ھەر قانداق بىر خوشنا دۆلەتكە زىيان سالمايمىز، پەقەت ئافغانىستان ئىسلام خەلىپىلىكى بىلەن ئۆز-ئارا ئىشىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا تۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ مەڭگۈ تىنجلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئىسلاھات خاراكتېرلىق مۇناسىۋەت قۇرۇمىز' دەپ بايان قىلغان.

بۇ گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تالىبانلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ مەيدانى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن.