ھامىد كارزاي تالىبانلارنى ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي يەكشەنبە كۈنى تالىبانلارنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىشنى توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئافغانىستاننىڭ قانۇنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھامىد كارزاي بۇ سۆزنى يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، پرېزىدېنت كارزاي غەرب ئىتتىپاقچىلىرى بىلەن تالىبان كىشىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى تۇرالغۇ جايلار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنى رادىكالىزم يولىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىكەن. كارزاي، بۇ تەشەببۇسنى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كارزاي تەرىپىدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق تالىبانلار ئالدى بىلەن ئافغانىستاندىكى چەتئەل قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تالىبانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ، مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن ئىدى.