خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 مىڭ ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى، تالىبانلارنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئافغانىستاندا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەشتە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا ئىراقتىكى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستانغا يۆتكەشكە باشلىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن دۆلەتلەردىن، ھەربىي قىسىملىرىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندا ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنى باش قوماندانى گېنرال دېۋد پېتروس، ئىراقتىكى تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى مەۋجۇت ئۆزگەرتىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، گېنرال دېۋد پېتروس پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچراپ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلگەن ئىدى.