ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى مارجاھ يېزىسىدىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ئاخىرقى بازىلىرىنى تازىلاپ بولغان

ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى مارجاھ يېزىسىدىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ئاخىرقى بازىلىرىنى تازىلاپ بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مارجاھ يېزىسىنىڭ مەركىزىدىن ئىلگىرىلەپ 4 كۈن يۈرۈش قىلغان ئامېرىكا ۋە ئافغان قوشۇنلىرى يېزىنىڭ شىمال قىسمىدىكى رايونلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش مارجاھدىكى تالىبان بازىلىرىنىڭ تازىلىنىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىرلەشمە قوشۇن ئۇچراشقان جايدا تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمى ئاساسەن پەسەيگەن. ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان قالدۇقلىرى مارجاھتىن قېچىپ كەتكەن بولۇشى، ياكى بولمىسا يەرلىكلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، مارجاھتىكى تالىبان قالدۇقلىرى بەلكىم ئوچۇق ئاشكارا جەڭ قىلىشتىن يەر ئاستى تەشكىلات قۇرۇپ ئۇيۇشۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

مارجاھتا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تالىبانغا قارشى ھۇجۇم، ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى 2001 - يىلىدىن بۇيان ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشمە قوشۇن يېقىن كەلگۈسىدە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى پايتەختى - قەندىھار شەھىرىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىكەن.