ھامىد كارزاي غەرب ئەللىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى تەلەپ قىلدى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە، غەرب ئەللىرىدىن ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە قاچان ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋاقىت جەدۋىلىنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھامىد كارزاي ئۇلارغا 'ئەگەر ئافغانىستان خەلقى قاراڭغۇلۇقتا قالغاندا تاڭ نۇرىنى كۆرەلمىسە، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تاللاش ھوقۇقى بار، بۇ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئافغانىستاننىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە تالىبانلارنىڭ قوراللىق ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ، ئافغان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن نارازى بولۇۋاتقانلىقى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىنى ئويلاۋاتقان ھامىد كارزاي ئۈچۈن قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.