بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ببس ئاگېنتلىقى تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر زور كۆلەمدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ بايقىلىشى ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.
ئافغانىستان دائىرىلىرى ئۆز دۆلىتىدە يەنە تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس قاتارلىق قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرى زاپاسلىرىنىڭمۇ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە مۇقىمسىزلىق ئافغانىستاندىكى نېفىتلىكلەرنى ئېچىشتا قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.