قانالنىڭ مەركىزى كېنىيىدە قۇرۇلغان، پۈتۈن ئافرىقىدا تارقىتىلىدىغان بۇ تېلېۋىزىيە قانىلى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تېمىسىدىكى خەۋەر پروگراممىلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەنە ئافرىقىلىق قول تېلېفون ئابونتلىرى ئۈچۈن «مەن ئافرىقىنى سۆيىمەن» ئىسىملىك تېلېۋىزور كۆرۈش پروگراممىسىنى سىناق قىلىپ تارقاتقان.
قانالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پايتەخت نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا، مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيىسى س س ت ۋ نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ يىشىڭ مەزكۇر قانالنىڭ ئافرىقا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرلىكتە ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى پەقەت مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ، مۇھىت قوغداش، ئىشچىلار ھوقۇقى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن قىلىچىلىكمۇ كارى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئۇلارغا قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقنى باستۇرۇشقا يانتاياق بولۇپ كەلگەن.
شۇڭا غەرب ئەللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئافرىقىنى تالان-تاراج قىلىشنىلا بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
تېخى يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بېرمىدىكى زىيارىتى جەريانىدا نامرات دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندا ھوشيار بولۇشقا چاقىرىپ: «خىتايغا ئوخشاش يېڭى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نامرات دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقىغا ئىگە بولۇشقا قىزىقىدۇ» دېگەن ئىدى.