ئەي ۋېيۋېي بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا سوت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى ۋە ئادۋوكاتىغا سۆزلەش پۇرسىتىمۇ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە «مەن نەتىجىدىن ھەيران قالمىدىم. چۈنكى خىتايدا سوتنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى بىلىمەن» دېگەن. ئەي ۋېيۋېي مۇنداق دېگەن :
مەن سوتچىدىن سەن كومپارتىيە ئەزاسىمۇ، دەپ سورىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇ مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمىدى. ئاندىن مەن «نومۇسسىزلار، بۇ نومۇس ئۇنتۇللمايدۇ» دېدىم.
ئەي ۋېيۋېې مۇخبىرلارغا بۇ ئىشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى، لېكىن بۇندىن كېيىن قانداق بىر ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە تېخى ئويلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان.
سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېې خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باج قاچۇرۇش جىنايىتى ئارتىلغان ئىدى. دائىرىلەر 2009 - يىلى ئۇنىڭ چەتكە چىقىشىنى توسىدى. ئەرەب باھارى مەزگىلىدە دائىرىلەر ئۇنى ئۆيىدىن ئەپ كېتىپ، 81 كۈن قانۇنسز ھالدا تۇتۇپ تۇرغان ئىدى.