ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا بومبا بارلىقى يالغان بولۇپ چىقتى

ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بومبا بارلىقىغا دائىر ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن ئايروپىلان جىددىي ھالدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىگە قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە چارشەنبە ئاخشام سائەت 9دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە خىتاينىڭ جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايرىپىلانىدا يۈز بەرگەن. مەزكۇر ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا قاراپ ئۇچۇۋاتقاندا ھاۋا يوللىرى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئايروپىلاندا بومبا بارلىقىغا دائىر ئۇچۇر كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇش مەركىزى ئايروپىلانغا خەۋەر بېرىپ، جىددىي ھالدا لەنجۇ شەھىرىگە قوندۇرغان. ئايروپىلاندىكى 93 يولۇچى ۋە 18 نەپەر ئايروپىلان خىزمەتچىسى ھەممىسى چۈشۈرۈپ سوراق قىلىنغان، ئايروپىلان ئاختۇرۇلغان. ئەمما بومبا بايقالمىغان.

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئايروپىلاندا بومبا بارلىقىغا دائىر بېرىلگەن ئۇچۇرنىڭ يالغان بولۇپ چىققانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يالغان خەۋەر بەرگۈچىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە بىر ئۇيغۇر قىزنى ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن بىر ئاي ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا رادىكال ئىسلام ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تېررور تەشكىلاتىنى بىت - چىت قىلغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر يۈرۈش پارتلىتىش ۋەقەلىرى پەيدا قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.