شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 21-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالاھىدە ساقچى قىسىملارنىڭ كېيىنكى 3 يىللىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ئەزاسى شۇڭ شۇەنگو سۆز قىلىپ، ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق تۇيۇقسىز ۋەقەگە دەل ۋاقتىدا ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە چاقىرغان.
دائىرىلەر 2005-يىلىدىن باشلاپ، قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتىنى «تۇيۇقسىز ۋەقە، تېررورلۇق پائالىيەت» دېگەن نام ئاستىدا باستۇرۇلۇپ كەلمەكتە. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوتەن موكۇيلا يېزىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا كىشى چېگرادىن قاچماقچى بولغاندا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سۇئال-سورىقىسىزلا ساقچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى كۆرۈلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، شۇڭ شۇنگونىڭ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە «دەل ۋاقتىدا ۋە قاتتىق زەربە بېرىش» چاقىرىقىنى يۇقىرىقىدەك سوتسىز ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارىماقتا.
گەرچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك قوراللىق قىسىم، چېگرا مۇداپىئە قىسىم، ئالاھىدە ساقچىلار سانىنى كۆپەيتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىلىرىنى كېڭەيتىشنى داۋام قىلماقتا.