شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئايرودروم ئالاتاۋ ئېغىزىنىڭ جەنۇبىدىن 50 كىلومېتىر، بۆرىتالا شەھىرىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارماق لىنىيىلىك ئايرودروم ھېسابلىنىدىكەن. 2020 - يىلىغا بارغاندا، مەزكۇر ئايرودرومغا چۈشىدىغان ۋە بۇ يەردىن ئۇچىدىغان يولۇچىلارنى 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش پلان قىلىنغان.
ئالاتاۋ ئېغىزى قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى تۆمۈر يول، تاش يول، نېفىت تۇرۇبىسى تۇتىشىدىغان مۇھىم ھەربىي - سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي.
ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا يولۇچىلار پويىزى ئۆتۈشكەندىن سىرت يەنە، خىتايدىن قازاقسىتان ھەتتا رۇسىيىگە توشۇلىدىغان خىتاينىڭ تۈرلۈك يېنىك سانائەت ماللىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىدۇ. ئالاتاۋ ئېغىزىدىن يەنە قازاقىستان - خىتاي نېفىت تۇرۇبىسىمۇ ئۆتىدۇ. خىتاي مەزكۇر تۇرۇبا ئارقىلىق قازاقىستاندىن ھەر يىلى 20 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىشنى پىلان قىلغان.
شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن تۇرپان ئايرودرومىمۇ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى جايلىرىدىن بۇ يەرگە بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشى باشلانغان.
تۇرپان قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي بۆشۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.