ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى خىتاينى ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان

ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى‏-دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا مەخپىي دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىپ نام چىقارغان ۋىكىلىكس تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىدىن خىتاينى خەۋەردار قىلىپ تۇرغان.

ۋىكىلىكس يېقىندا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆججىتىدە ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ گۈەنتانامودىن بارغان ئۇيغۇرلارنى تىڭتىڭلاپ، خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 2008‏-يىلى 10-ئاۋغۇست، دەپ چېسلا قويۇلغان مەخپىي ھۆججىتىدە يەنە، ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەرگە دائىر ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولغانلىقى، ئالبانىيە جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ 2008‏-يىلى 6‏-ئاۋغۇستتىكى مەلۇماتىدا، 4‏-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ش ت ئى پ بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن.

ئامېرىكا دىپلوماتىيە ھۆججىتىدە ئەسكەرتىپ، ئالبانىيە تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا بۇ ئۇچۇرنى ئۇلار يېقىن مۇناسىۋەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇردىن ئالغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرنىڭ يەنە «بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقۇچە خىتايدا يەنە يۈز بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلاردىن 5 كىشىنى 2005‏-يىلى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.