قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى ئالىمجاننى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، گۈلنۇر يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان. يۇقىرى سوت ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 12-ئايدا دېلونى كۆرۈپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن 2-سوتنىڭ نەتىجىسىنى ھازىرغا قەدەر ئالىمجان ۋە ياكى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا ئۇقتۇرمىغان.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى "نىڭ گۈلنۇردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرى سوت دائىرىلىرى بۇ دېلو 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تەتبىقلىنىپ، ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، گۈلنۇرغا ئادۋوكات تۇتۇپ ئاۋارە بولماسلىقنى ئېيتقان.
گۈلنۇر پەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر يۇقىرى سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقى راست بولسا، ئالىي سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىمجان قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېلوسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. 2008-يىلى سېنتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قارار چىقىرىپ، ئالىمجان ھىمىتنىڭ دېلوسى خالىغانچە قولغا ئېلىپ قانۇنسىز سوتلاش ۋەقەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.