يىغىن ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقتى ۋە يېقىندا ياۋروپادا ئېلىپ بارغان 7 دۆلەت زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، بۇ يىل ماينىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە كېلىدىغان ۋەكىللەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتى.
يىغىن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، ۋىرگىنىيە ۋە مارىلاند شتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىنغا يۇقىرىقى رايونلاردىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.