دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى بۈگۈن ئاخىرلاشتى

2‏-ماي كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى.

2‏-مايدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي كېڭەشنىڭ مۇزاكىرە يىغىنى ۋاشىنگتوندىن 40 نەچچە كىلومېتىر غەربتىكى ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ لىزبۇرگ بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دۇنيادىكى 20 غا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن بىرەر يۈزگە يېقىن لىزبۇرگ بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان يېڭىلىقنىڭ بىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق دۇنياغا يىغىننىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇشى بولدى.

يىغىن ئاخىرلاشقان شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھەر قايسى گۇرۇپپىلار داۋاملىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قانداق ياردەم بېرىش، دىنىي مەسىلىلەر، ئۇچۇر ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادى مەنبەنى قانداق قېزىش توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلغان.

كېڭەشنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بۈگۈن كەچ سائەتلەردە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ ، يىغىننىڭ رەسمىي يېپىلغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ.

يىغىن ئاخباراتىنىڭ ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە قانداق قارار چىقىرىلغانلىقىغا كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.

يىغىننىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان قارارىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يونۇلۇشى مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەتە يەنى7‏-ماي كۈنى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.