كېڭەشنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇزاكىرىلىرى 7 خىل تېما بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى نىشانى، ياشلار ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈش، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر يىغىن ۋەكىللىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىندا 200 دىن ئارتۇق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندىكى مۇزاكىرىلەردە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يانداش بىر تەشكىلات قۇرۇش، تۈرمىگە سولانغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پىكىر يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە پەيدا قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قارار چىقىرىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ يېپىلىش كۈنى بولغان جۈمە كۈنى قارارلار ئېلان قىلىنىدۇ. ئالىي كېڭەش جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.