بوشۈن تورىنىڭ ئۇيغۇربىز تورىدىكى ئۇچۇرنى نەقىل قىلىشىچە، 2010-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى 65889 ئادەم پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 44657 نەپەر، ئۇلار ئومۇمىي ساننىڭ 67.8%نى تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 35969 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 32.2%نى تەشكىل قىلغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 1978-يىلى، خىتايدا ئىمتىھان ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 77.8% خىتاي ئەمەس مىللەتلەر بولغان. ئەمما، 32 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى، 2009-يىلى، ئۇلار 32% كە چۈشۈپ قالغان.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس، ھەتتا بارلىق ئالىي تېخنىكومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەردىكى نىسبەتتىمۇ خىتايلارنىڭ سانى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
بىراق، 2009-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 10 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 45 %نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
1949-يىلى، ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ 80%غا يېقىن قىسىمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئاران 5% ئىدى.
