"شىنجاڭ پارتىيە كومىتېتى" ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىككى يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بويىچە پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن رىياسەتچىلىك قىلغان 21- دېكابىر كۈنىدىكى يىغىندا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بويىچە پارتكوم 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 9-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە خىزمەتسىز تۇرۇۋاتقان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش بېكىتىلگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 76 مىڭ نەپەر ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەنلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما، ھازىرغىچە يەنە 75 مىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنت ئىشسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنمىغان. خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ سانغا 2010-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر كىرمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، مەزكۇر كېڭەيتىلگەن يىغىن يەنە 22 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەتتىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگەن شەھەرلەرگە ئىككى تۈركۈم بويىچە ئەۋەتىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق "ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ساپاسى ۋە كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش" نى قارار قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئۆتكەن يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. قوللىرىدا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنسانلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يوسۇندا كوچىغا چىققان بۇ ياشلار باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق جەمئىيەتتىكى ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقلارنىڭ بىر مەنبەسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.