ئالجىرىيىدە بىر قوراللىق گۇرۇپپا بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالجىردىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئالجىرىيىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تىزى ئاۋزۇ شەھىرىنىڭ ئازاگدا مەھەللىسىگە يوشۇرۇنۇۋالغان بىر قوراللىق گۇرۇپپا، ئالجىرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۇرغان كابىلىيە رايونىغا قوزغىغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا، ئالجىرىيە قىسىملىرىدىن ئاز دېگەندە 13 ئەسكەر ئۆلگەن، ھۇجۇم قوزغىغان قوراللىق گۇرۇپپىدىن بىر ئادەم ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.16

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھۇجۇم ئالجىرىيىدە 1990‏-يىللاردا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا 200 مىڭ ئادەم قىرىلىپ كەتكەندىن كېيىن پرېزىدېنت بولغان، تۈنۈگۈن يەنە پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانى ھەققىدە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۋ نۇتقى سۆزلىگەن 74 ياشلىق ھازىرقى ئالجىرىيە پرېزىدېنتى ئالدۇلئەزىز باۋتېفلىكاغا قارىتىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئالجىرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىغان قوراللىق كىشىلەرنى ئەل-قائىدىچىلەر دەپ ئاتىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا، ئالجىرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىغان قوراللىق كىشىلەرنى تېررورچىلار دەپ ئاتىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.