ئالجىرىيىلىكلەر خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرىنى يارىلاندۇردى

4 - ئاۋغۇست، ئالجىرىيىنىڭ پايتەختى ئالجىردا بىر قىسىم يەرلىكلەر شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، نەتىجىدە 10 خىتاي ئىشچى يارىلانغان.

رويتېرستا خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشقا كالتەك - توقماق ۋە پىچاق - قىڭراقلار بىلەن قوراللانغان 100 دىن كۆپ ئالجىرىيىلىك قاتناشقان ۋە جېدەل تېرىغان خىتايلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

ۋەقەگە گۇۋاھ بولغۇچى 31 ياشلىق ئابدۇلكېرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر خىتاي ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىغا ئاپتوموبىلىنى توختاتماقچى بولغاندا، ئابدۇلكېرىم خىتاينى نېرى توختىتىشقا بۇيرۇغان، ئەمما ئۇ خىتاي ئاپتوموبىلىنى نېرى توختىشىنىڭ ئورنىغا ئۇنى تىللىغان، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلكېرىم بېرىپ ھېلىقى خىتاينى ئۇرۇپ ھەيدىۋەتكەن.

ئابدۇلكېرىم ۋەقە جەريانىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: " مەن تېخى ئىشلار تۈگىدى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. 30 مىنۇتلاردىن كېيىن، ئۇ 50 خىتاي بىلەن بىللە ئۆچ ئالغىنى كەپتۇ".

نەتىجىدە، 60 قا يېقىن ئالجىرىيىلىك توپلىشىپ كېلىپ خىتايلار بىلەن ئۇرۇشقان، كېيىن ئادەم سانى 100دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار جېدەل تېرىغان خىتايلارنى ئۇرغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى 5 دۇكاننى بۇزۇپ چاققان، كېيىن ۋەقە ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغان.