بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يۇقىرىقى شەخسلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينىڭ سىرتىدا سېتىلىۋاتقان iPhone نىڭ پروگرامما دۇكىنىدا بارلىقىنى، لېكىن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ خىتايغا ئىشلەنگەن iPhone نىڭ پروگرامما دۇكىنىدا تېپىلمايدىغانلىقىنى، ئالما شىركىتى خىتاينىڭ بۇ شەخسلەرگە ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا دائىر ئۇچۇرنى تازىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
"تور دۇنياسى - ئوتتۇرا شەرق" نامىدىكى بىر تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، iPhone نى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ترۇدىي ميۇللېر بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، "بىز يەرلىك قانۇنلارغا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز" دېگەن.
مەزكۇر تور بېتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، iPhone نىڭ پروگرامما دۇكىنىدىكى دالاي لامانىڭ دىنىي ئۈزۈندىلىرىگە ئائىت ئۇچۇر ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" دېگەن فىلىمغا دائىر ئۇچۇر خىتايغا ئىشلەنگەن iPhone نىڭ پروگرامما دۇكىنىدا تېپىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە ئالما شىركىتىنىڭ Yahoo ۋە Google غا ئوخشاش شىركەتلەر قاتارىدا تەنقىدكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولدى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى گۇرۇھلار Yahoo ۋە Google شىركىتىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، توردا خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ ماقالە يازىدىغان ئۆكتىچى يازغۇچىلارنىڭ تور ئۇچۇرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.