ئالماتادا نازاربايېف ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.11.13
2011.11.13
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم تېخى ھايات تۇرۇپ ھەيكەل ئورنىتىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ھەيكەل ئالمۇتادىكى نازاربايېف باغچىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، نازاربايېفنىڭ ھەيكىلى ئىككى قۇش قانىتى شەكلى ئىچىدە ئېلىنغان، بۇ ئالمۇتا ۋە ئاستانىنى كۆرسىتىدىكەن.
نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىلگىرى «خەلق داھىيىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، تېخى يېقىندا ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامدا يەنە بىر قېتىم پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلارمۇ مەۋجۇت.
ئىلگىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئەنقەرەدە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقان ئىدى.