زەخمىلەنگەن ئۆي سانى 100 مىڭغا يەتتى، كوكتات ئۆستۈرىدىغان 10 مىڭ پارنىك بۇزۇلدى. ئاپەت جەريانىدا كېسەلگە گېرىپتار بولغان ئادەم سانى 1300 دىن ئاشتى. مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەخمىنەن ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيان 640 مىليون يۇەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ شىمال ۋە غەرب تەرەپتىكى رايونلىرىغا سبېرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمى كېرىپ، بۇ رايونلارنىڭ تېمپراتورىسى 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ئاپەت يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئالتاي، ئىلى ۋېلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن قار كۆچۈشتە زىيانغا ئۇچرىغان يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئېلان قىلمايۋاتقان ئىدى.