ئالتايغا قاتنىغان پويىز تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمىنى كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا

كۇيتۇن شەھىرىدىن ئالتايدىكى بېيتۇن شەھىرىگە پويىز قاتنايدىغان «كۈي-باي» ئىسىملىك يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى 1-ئىيۇن كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، كۇيبېي تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ لىنىيە ئالتاي، چۆچەك ۋە قاراماي قاتارلىق ئاساسلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىن ئۆتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئالتاي ۋە چۆچەك ۋىلايەتلىرى زېمىنى كەڭرى، ئادەم شالاڭ ۋە سۇ مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ تۆمۈر يولنى رايوندا يېڭى خىتاي شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، كۇيبېي تۆمۈر يولىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەن يۆتكىشىگە ۋە شۇنداقلا بۇ رايونلاردىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.