پارلامېنت ئەزاسى ھاررىي رېيېد باشچىلىقىدىكى ھەيئەت پەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو ۋە مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى شى جىنپىڭلار بىلەن ئۇچراشقان.
ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپنىڭ تىجارەت ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ئوخشاش مۈشكۈل تېمىلاردا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەيئەت چارشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
ئۇچرىشىشتا خەلقئارا تىجارەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەردىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما كونكرېت نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان.
بۇ زىيارەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلق ئۈستىدىكى بېسىم ۋە تەقىب قىلىشنى ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىمىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاينى قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.