بۇنىڭ، ھازىر كازافىي كۈچلىرىنىڭ قولىدا بولغان نالۇت شەھىرىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەمما ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر بۇ رايوندا بىرەر مۇخبىر بولمىغانلىقتىن، بۇ خەۋەرنى باشقا مەنبەلەردىن ئېنىقلاش ئىمكانى بولمىغان.
ئەگەر راست بولغان تەقدىردە، بۇ ئىسيانچىلارنىڭ يېقىندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم غەلىبىلىرىنىڭ بىرى بوپقالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇنىس خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى پەيشەنبە كۈنى لىۋىيىلىك بىر گېنېرال ۋە 13 ئەسكەرنىڭ تۇنىس قىسىملىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ، 200 دىن ئارتۇق لىۋىيىلىك ئەسكەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ تۇنىسقا قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەر تۈنۈگۈن مىسراتانى بومباردىمان قىلغان. ترابلۇستىمۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قوراللىق ئېتىشىش بولغان. تۈنۈگۈنكى ئېتىشىشتا 3 ئىسيانچى ئۆلگەن، 17 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئوخشاش ئورۇندا يەنە، دۇنياغا داڭلىق ئىككى مۇخبىرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسيانچىلار ناتونى يېتەرلىك قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە. لىۋىيىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئىسيانچىلارغا ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىمۇ بەزى ھەربىي لازىمەتلەر ۋە ياردەم بۇيۇملىرىدىن تەركىب تاپقان 25 مىليون دوللارلىق ياردەمنى رايونغا ئەۋەتىش ئالدىدا تۇرماقتا.