ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى ۋەتەنداشلىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ياكى ئۆزبېكىستانغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان ۋەتەنداشلىرىنى، ئۆزبېكىستاندا ئامېرىكىلىقلارغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن خەۋەرلەندۈردى.

ئۇقتۇرۇشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئۇچۇر تاپشۇرۋېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا ۋەتەنداشلىرىنى بۇ جەھەتتە پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقان تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ نامى بايان قىلىپ ئۆتۈلدى. بۇ نۇقتىدا، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى، ئەلقائىدە تەشكىلاتى، ئىسلامىي جىھاد بىرلىكى تەشكىلاتى قاتارىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ تىلغا ئېلىندى.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى 2001-يىلى بوز ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭدىن بېرى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسى ۋە مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا تېررورچى قالپىقىنى كەيدۈرۈشنىڭ توغرا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش تېمىسى بولغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجرائات ۋە باياناتلىرىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتا تېررورچى دېگەن نام قوللىنىلماي كەلگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىتنە توقۇپ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تاشقى ھىمايىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزلىرىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.