بۇ مۇتەخەسسىس نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىنىڭ سەھىيە باشقارمىسىنىڭ رادىئاتسىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر لابوراتور ئابدۇراھمان ئابلىمىتتۇر.
بالتىمور قۇياش گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇراخمان ئابلىمىتنىڭ بايقاش جەريانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ بايقاش مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ قۇرۇلغان 30يىلدىن بۇيانقى خىزمەت غايىسىگە مۇناسىپ بىر نەتىجە دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئاۋۋال ياپونىيىدە ئىلىم تەسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ 2005-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.