ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت ئۆمىكىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن، سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى بۈگۈن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە باشلاندى. ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مايكىل پوسنېر باشلاپ بارغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان نامايىشچىلار، تور باشقۇرغۇچى ۋە ژۇرنالىستلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئاخباراتىدا، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي تەرەپتىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدە قولغا ئېلىنغان، يوقاپ كەتكەن ياكى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يەنە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.