خىتاي ئامېرىكىنى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھارپىسىدا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئەتە يەنى چارشەنبە كۈنى باشلانماقچى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى سۆھبەت داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىققا ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي باياناتچى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراش مەۋجۇتلۇقىنى، تەرەپلەرنىڭ ئۆز- ئارا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا بىر-بىرىنى ئۆز -ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ. سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىچاەل پوسنەر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئىشتىراك قىلىدۇ.

خەۋەرلەردە ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى جىددىي شەكىلدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي ھەققىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىزگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتۇشىدىن ئەندىشە قىلمايمىز؛ بىز پەقەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئۇ دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرىمىزنىڭ ئەي ۋېيۋېي ھەققىدىكى تەكشۈرۈشى تاماملانغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىكى يامانلىشىش ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.