ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 'شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى' نى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.18
2009.06.18
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومېتىتىنىڭ قارمىقىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار سەيشەنبە كۈنى ئاچقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي تەمىنلىگەن بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارغىلا تايىنىپ ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۇزۇپ قويغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
يىغىندا يەنە،خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغانلىقىدىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، بۇ 7 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسى جىنايەت بىلەن تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ زىيادە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.