ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومېتىتىنىڭ قارمىقىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار سەيشەنبە كۈنى ئاچقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي تەمىنلىگەن بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارغىلا تايىنىپ ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۇزۇپ قويغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
يىغىندا يەنە،خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغانلىقىدىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، بۇ 7 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسى جىنايەت بىلەن تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ زىيادە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.