ئامېرىكا ئافغانىستان ساقچىلىرىنى تەربىيىلەشنى توختاتتى

يەكشەنبە كۈنىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستان ساقچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى توختىتىپ قويغان، مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى قېتىمدا بىر قانچە قېتىم يۈزبەرگەن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناتو ھەربىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساقچى خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى گۇمان قىلىنغان ئىدى.


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاندا مىڭدىن ئارتۇق ئافغان ساقچىسىنى تەربىيىلەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ تەربىيىلەشكە قاتناشقان ساقچى خادىملىرى ئۈستىدىن قايتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بېكىتكەن. بىراق، بۇ قېتىمقى توختىتىپ قويۇشنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى، ساقچىلىققا قوبۇل قوللىنىدىغانلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش تەرتىپلىرىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنىشىنى شەرت قىلغان. ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقى ئېنىقلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە بولغان تەربىيىلەش داۋاملىشىۋېرىدىكەن.