ئوباما چارشەنبە كۈنى كەچتە ئاق سارايدىن بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 33 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئافغانىستان قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى 2014-يىلىغىچە تاماملاپ بولىدىكەن.
باراك ئوباما سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن كېلەر ئاي چىكاگودا ناتو دۆلەتلىرى يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئافغانىستاننىڭ سىياسىي مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تالىباننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق گۇرۇپپىلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ چوقۇم ئەل-قائىدە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، زوراۋانلىقتىن ئۇزاق تۇرۇشى ۋە ئافغان ئاساسىي قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىنقىلابلىرىنى قوللاشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.