ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى گېنېرال مككرىستال يېقىندا 'دۆمىلاڭ تاشىم' ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى 'توغرا مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويالمىدى' دەپ تەنقىدلىگەن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىمۇ، ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن مۇئاۋىن پرېزىدېنتنى ۋە پرېزىدېنتنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنى سۆككەن ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گېببسنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گېنېرال مككرىستالغا ئاچچىقى كەلگەن. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى 'ۋاشىنگتون پوست' قاتارلىق گېزىتلەر كەينى - كەينىدىن خەۋەر قىلدى.

بۈگۈن ۋاشىنگتون پوست گېزىتى، گېنېرال مككرىستال ھازىر ۋاشىنگتونغا چاقىرتىپ كېلىندى، پرېزىدېنت ئوباما ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى، ئەمدى بۇ گېنېرال ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنامدۇ - قانداق، بۇ، ئىككەيلەن بىۋاستە سۆزلەشكەندىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ دەپ خەۋەر قىلغاندىن ئىدى.

كېيىن، نيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى گېنېرال مىككرىستالنىڭ ئورنىغا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ باش كوماندىرى گېنېرال داۋىت پترايېسنى بېكىتتى.