ئامېرىكا بۈگۈن خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە سىاياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا بۈگۈن خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۈگۈن چىقارغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىققا ئاساسەن چىقىرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-09-12
Share

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا 'ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىر شىنجاڭغا بارغان ئامېرىكا پۇقرالىىرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسۈتۈلدى.
 
خەۋەردە ئىزاھات بېرىلىشىچە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىدى. خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى' ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، بۇ رايوندا 600 دىن ئارتۇق خىتاي يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، دېگەن سىرلىق ۋەقلەرنى ۋە بۇنىڭغا نارزاى بولغان خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە توپلىنىپ كەڭ - كۆلەملىك نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.

ھازىر ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمىچىدە 5‏ - ئىيول كۈنى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنى سوتلاشقا باشلىدى.

ئامېرىكا بۈگۈن خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە چىقارغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى 'مۇشۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلىغا ساياھەت قىلغىلى بېرىشتا بىخەتەرلىكىنى ئويلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە ساياھەت قىلغىلى بارغانلار ' دەپ تەكىتلىدى.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت